بۇخارا
بۇخارا ئۆزبېكىستان شەهرىنىڭ بىرى. بۇ شەهەردە كۆپ تارىخىي يادگارلىقلار بار ۋە زامانىۋىى ئۆزبېكىستان شەهەرلەر ئاھالىسىنىڭ سانى بويىچە بۇخارا بەشىچى ئورۇندا. بۇخارا ئۆزبېكىستاندا جايلاشقان بولسىمۇ شەهەردە تۇرىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى پارسى- تاجىكچە سۆزلەيدۇ. بۇ تىل تاشقۇرغاندىكى تاجىك تىلىغا ئوخشىمايدۇ.
تارىخ
[تەھرىرلەش]قەدىمكى تارىخ
[تەھرىرلەش]بۇخارا بوستانلىقى بىر نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن تىكلەنگەن بولۇپ، مىلادى بەشىنچى ئەسىردە مۇهىم مەدەنىي ۋە سىياسىي شەهەرگە ئايلاندى . «بۇخارا» نامى يەتتىنچى ئاسىردىن باشلاپ ئىشلىتىلدى. ئىسلام تارقالغاندا بۇخارا مۇستەقىل سۇغدىي پادىشاھلىقى ئىدى ۋە ئاهالىسىنىڭ دىنى زەرتۇشت، بۇددا ۋە شەرقىي خرىستىئان ئىدى.
دەسلەپكى ئىسلام دەۋرى
[تەھرىرلەش]ئەرەب تەرىپىدىن يېڭىلگەندىن كېيىن، بۇخارادا ئەرەپ ۋالىي ھۆكۈمرانلىق قىلسىمۇ، رايوننىڭ سىياسيى مەركىزى مەرۋدە جايلاشقان ئىدى. سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بۇخارادا ۋە ئۇنىڭ ئاتراپىدا خەلىپىلىككە قارشى نۈرغۈن قوزغىلاڭلار يۈز بەردى. شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇ دەۋردە بۇخارادىكى بىناكارلىق ئىسلامى ئۇسلۇبقا ئۆزگەردى. ئەرەب كۆچمەنلەر ئۈچۈن يېڭى شەهەر قۇرۇلۇپ، ئۇنى "شەهەرىستان" دەپ ئاتىغان ۋە جۈمە مەسچىتىنىمۇ سالغان.
سامانىي سۇلالىنىڭ پايتەختى بولغاچقا، بۇخارا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ مۇهىم مەدەنىي مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ دەۋىردە پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتى بارلىققا كەلگەن ۋە بۇخارا بۇ جەرياندا مۇھىم رول ئوينىغان.
موڭۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرى
[تەھرىرلەش]موڭۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە (ئون ئۈچىنچى ئەسىر) بۇخارا خارەزم پادىشاھلىقىدىكى ئۆلكىسىنىڭ بىرى ئىدى. خارەزمشاھ موڭغۇللارغا قارشىلىق كۆرسەتكەچكە، ئۆزىنى «مەن خۇدانىڭ قامچىسى» دەپ ئاتىغان چىنڭىزخان بۇخارا شەهىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. شۇ سەۋەبتىن موڭغۇل دەۋرىدىن پەقەت بىرلا «چوڭ مۇنار» ناملىق بىنا ساقلىنىپ قالغان.
گەرچە بۇخارا خارابىلىككە ئايلانغان بولسىمۇ، ئۇ تېخىچە مۇهىم شەهەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى ۋە موڭغۇللاردىن كېيىنكى ئەسىرىدىمۇ بۇخارالىق ئالىملار كۆپ ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئامىر تىمۇر سەمەرقەندنى پايتاخت قىلدى.
تىمۇرىي ۋە شىيبانى دەۋرى
[تەھرىرلەش]شۇنىڭ بىلەن تىمۇرىي دەۋرىدە سەمەرقەندتە نۇرغۇن يېڭى بىنالار سېلىنىدۇ ۋە بۇ شەھەر بۇخاراغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭىيىپ گۈللىنىپ كېتىدۇ.
ئون بەشىنچى ئەسىرىدىن باشلاپ، شىيبانى سۇلالىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، بۇخارا يەنە پايتاخت بولىدۇ، ۋە شۇنىڭ بىلەن ئاتتۇرا ئاسىانىڭ مەدەنىي مەركەزىگە ئايلىنىدۇ. بۇخارانىڭ ئاتاقلىق يادگارلىقلىرىنىڭ كۆپى بۇ دەۋردە (ئون بەشىنچىدىن يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ بېشىغىچە) قۇرۇلۇپتۇ. مەسەلەن قۇشبېگى، مىرئەرەب، ۋە كۆكەلدەش مەدرەسەلىرى.
"ئۆزبەك" خانلىقلار دەۋرى
[تەھرىرلەش]بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خانلىقلارغا قارىغاندا، بۇ دەۋردىكى خانلىقلار چوڭ بولمىسىمۇ، ۋە باشقا كۈچلۈك تۇتاشقان خانلىقلار (مەسىلەن قوقەند، خىۋە ۋە شەهرىسەبز قاتارلىقلار) بار بولسىمۇ، بۇخارانىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپى ئەڭ مۇهىم ئىدى. مەسىلەن، باشقا شەهەردە مەدرەسەلەر بولسىمۇ، خوقەندلىك ياكى خىۋەلىكلەر ياخشى تەلىم ئالاي دېسە ۋە ئۇلارنىڭ پۇلى بولسا،يانىلا بۇخاراغا باراتتى. بۇخاراغا يىراق دۆلەتلەردىن، مەسىلەن روسسىە، ئافغانىستان ئوقۇغۇچىلار كۆپ كېلەتتى.
ئون توققۇزىنچى ئەسىرىدە (۱۸۶۸) روسسىە نى يېڭىپ، بۇخارا « قوغدىلىدىغان دۆلەت » بولدى. گەرچە بۇخارا روسىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان بولسىمۇ ، ماڭگىت خاندانلىقى 1920-يىلغىچە رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈگەن.
بۇخارا تارىخى ۋە ئۇيغۇرلار
[تەھرىرلەش]ئون بەشىنچىدىن يىگىرمىنچى ئەسرىگىچە «ئۇيغۇر» سۆزى ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، زامانىۋىى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئەجدادلىرى بۇخارانى زىيارەت قىلغان. ئۇ چاغلاردا شىنجاڭ (ياكى «ئالتە شەهەر») ۋە بۇخارانىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى يېقىن بولغان. بۇخارا ھەج يولىدا جايلاشقان بولغاچقا، ھەج قىلغۇچىلار بۇخارادىكى مۇقەددەس ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، مەككىگە بولغان سەپىرىنى داۋام قىلىپتىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، كۆپ ئۇيغورلار بۇخارادىكى مەدرەسەلەردە ئوقۇشلىرىنى پۈتتۈرگەندىن («ئىجازەت» ئالغاندىن) كېيىن ۋەتەنگە قايتىپتۇ. روسسىەدىكى ئوكتيەبىر ئىنقىلابىدن كىيىن دىنىي زىيارەتلەر توختىتىلغان دېسەكمۇ بولىدۇ.